
Android بولسا بىر خىلLinux نى ئاساس قىلغان ئەسلى كودى ئوچۇق بولغانمەشغۇلات سىستېمىسى، ئاساسلىقى كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئىلىتىلىدۇ. خەنزۇچىدا 安卓 دەپمۇ ئاتايدۇ. Android نى ئەڭ دەسلەپتە Andy Rubin دېگەن كىشى تۈزگەن بولۇپ، 2005-يىلى Google شىركىتى سېتىۋېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرغان. Android نىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى ئالما شىركىتىنىڭ iOS سىستېمىسى ۋە RIM شىركىتىنىڭ BlackBerry OS مەشغۇلات سىستېمىسىدۇر. 2011-يىلى بىرىنچى پەسىلدە Android نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى بازار ئېگىلەش نىسبىتى تۇنجى قېتىمNokia نىڭSymbian مەشغۇلات سىستېمىسىدىن ئېشىپ، دۇنيادا بىرىنچىلىكنى ئېگەللىدى. 2012-يىلى 7-ئايدىكى سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، Android پۈتۈن دۇنيا يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى بازىرىنىڭ %59 نى ئېگەللىگەن، جۇڭگودا ھەتتا %76.7 گە يەتكەن.
Android سىستېمىسى يانفونلارغا ئىشلىتىلىشتىن باشقا يەنەتاختا كومپيۇتېر، ئاپتومبىللارنىڭيول باشلاش سىستېمىسى قاتارلىقلارغىمۇ ئىشلىتىلمەكتە.
نۆۋەتتەHTC,Samsung,Motorola,LG,Sony قاتارلىق مۇتلەق كۆپ قىسىم داڭلىق ماركىلىق يانفونلار Android سىستېمىسىنى ئىشلەتمەكتە. Android نىڭ يۇمشاق دېتاللىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، نەچچە يۈزمىڭدىن ئاشىدۇ، پۈتۈنلەي ھەقسىز. نۆۋەتتە Android نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى Android 4.0 دۇر. Android نىڭ مۇنداق تېز تەرەققىي قىلىشى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى دۇنيادا بىرىنچىلىكنى ئېگەللەپ كەلگەن Nokia نىڭ ئاستا- ئاستا سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.
نۆۋەتتە Nokia ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى Lumia بىلەن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلەتمەكتە.