Movatterモバイル変換


[0]ホーム

URL:


Jump to content
Wikipedia
ئىزدە

فىزىكا

ئورنى Wikipedia

فىزىكا دېگەن نىمە؟

[تەھرىر]

قۇياش نېمە ئۈچۈن ھامان شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربتە ئولتۇرىدۇ؟ چاقماق چېقىش قانداق ھاسىل بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يازدا يامغۇر، قىشتا قار ياغىدۇ؟ رادىئولۇق ئۈنئالغۇ نېمە ئۈچۈن ناخشا ياڭرىتالايدۇ؟ كىيىم ئىشكاپىدىكى نافتالىن كۇمىلىچى نەگە كەتتى؟ ئېلېكتر نەدىن كېلىدۇ؟ ھەسەن - ھۈسەن نېمىدىن ئىبارەت؟ ...

بۇ مەسىلىلەردىكىكۈچ ھادىسىسى،سوغۇق - ئىسسىقلىق ھادىسىسى،ئېلېكترو ماگنىت ھادىسىسى ۋەيورۇقلۇق ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسى ماددىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت. فىزىكا ماددىلار ھەرىكىتىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پەن بولۇپ، ئۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەر پايدىلىنىدىغانئېلېكتر لامپىسى،تېلېفون،رادىئو قوبۇللىغۇچ،تېلېۋىزور، شۇنداقلا يول يۈرۈشتە ئولتۇرىدىغانئاپتوموبىل،پويىز،پاراخوت ۋەئايروپىلان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى فىزىكا پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ياسالغان. نۆۋەتتىكى ئىلغار پەن - تېخنىكىنىڭ ۋەكىلى بولغانئاتوم بومبىسى،ھىدروگېن بومبىسى،راكېتا،يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى ۋەئالەم كېمىسىمۇ فىزىكا تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

فىزىكىنى ئۆگىنىشنىڭ پايدىسى نېمە؟

[تەھرىر]

فىزىكا ئۆگەنگەندە، ھەر خىل فىزىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىۋېلىپ، ھەر خىل ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى توغرا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە قىزىقىشىنى، تەپەككۇرىنى، ئەقلىي كۈچىنى ئېچىپ، ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، قابىلىيەتنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

فىزىكا قانداق پەن؟

[تەھرىر]

فىزىكا تەبئىي پەننىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ، ئاساسلىقى ماددا ،ئېنېرگىيە ،بوشلۇق ،ۋاقىت قاتارلىقلارنى ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ، ئۆز-ئاراتەسىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ . فىزىكا تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى بىلىم ؛ تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، فىزىكا تەبىئەتتە يۈزبەرگەن ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىكى قانۇنىيەتنى بايقايدۇ . فىزىكا ئەڭ قەدىمكى پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئىككى مىڭ يىل مابەينىدەخىمىيە ،ئاسترونومىيە قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپتەبىئەت پەلسەپىسى دەپئاتالغان ، ⅩⅦئەسىردىكى ئىلىم-پەن ئىنقىلابىدىن كېيىن فىزىكا ئاندىن بىر مۇستەقىل پەنگە ئايلانغان .

نىيوتۇن

مەنبەلەر

[تەھرىر]
    بۇ ماددا بىر دەسلەپكى نۇسخىدۇر، بۇ ماددىنىكېڭەيتىش ياكى ئالاھىدەدەسلەپكى نۇسخا قېلىپلىردىن بىرنى قويۇپ ۋىكىپېدىيەگە توھپە قوشالايسىز.
    "https://ug.wikipedia.org/w/index.php?title=فىزىكا&oldid=168140" دىن ئېرىشكەن
    سەھىپە:

    [8]ページ先頭

    ©2009-2025 Movatter.jp