Movatterモバイル変換


[0]ホーム

URL:


Jump to content
Wikipedia
ئىزدە

ئەزەربەيجان

ئورنى Wikipedia
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى

ئازەربەيجان جۇمھۇرىيىتى Azərbaycan Respublikası
پايتەخت:باكۇ، ئاھالىسى ئىككى مىليۇن 300مىڭ.
زېمىنى:86600 كۋادرات كىلومېتىر.
ئاھالىسى: ئازەربەيجاننىڭ2006-يىللىق نوپۇسى 7مىلىيۇن 961مىڭ619. ئاھالىنىڭ 95%نى ئازەربەيجانلار، 2.2%نى داغىستانلىقلار ، 1.8%نى رۇسلار، 1.5%نى ئەرمەنلەر ئىگەللەيدۇ . ئازەربەيجان تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر ئازەربەيجان، تۈرك ۋە رۇس تىلىنى قوللىنىدۇ.
دىنى : ئازەربەيجان ئاھالىسىنىڭ 85%ى ئىسلام دىنى شىئە مەزىبى ئونئىككى ئىمام ئەقىدىسىگە، 10% ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىگە، 5. %2 رۇس پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، 2.3% ئەرمەن پروۋىسلاۋىيە دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: مانات. 2006-يىلى 0.8934مانات = بىر دوللار، 2004-يىلى 4913.48 دەرھەم = بىر دوللار، 2002-يىلى4,860.82 دەرھەم = بىر دوللار.

ئازەربەيجان 2006-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئىلگىرىكى 5000مانات بىر يېڭى ماناتقا تەڭ بولىدىغان يېڭى پۇل تارقاتتى.


ئىقتىسادى:

[تەھرىر]

http://www.azlink.info Azerbaijan Links Newshttps://web.archive.org/web/20160303175451/http://gallery.azlink.info/ {{|url=https://web.archive.org/web/20160303175451/http://gallery.azlink.info/ |date=2016-03-03 }} Azerbaijan Photo Gallery

ئازەربەيجان مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنلا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ، باغۋەنچىلىك نۇقتىلىق تەرەققى قىلدۇرغان رايونى بولۇپ روسىيىدىن باشقا بىردىنبىر مەركەزنىڭ ياردىمىگە تايانمايدىغان جۇمھۇرىيەت ئىدى، مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە روسىيەنىڭ ئىمبارگوسى تۈپەيلى ئازەربەيجان ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئىدى. كېيىن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ۋە تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ياردەم ۋە قەرز پۇلى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى تېزلا تەرتىپكە چۈشتى. 2006 -يىلى ئازەربەيجاننىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 14مىليارت 600مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 7مىڭ300 دوللار توغرا كەلگەن. ئازەربەيجاننىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10%دىن يۇقىرى بولۇۋاتقان ئىدى. ئەمما 2005-يىلى 24%، 2006-يىلى33% ئېشىپ دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. دۆلەت بايرىمى:( 1918-يىلى)5ئاينىڭ 28-كۈنى، ئازەربەيجاننىڭ بىرىنچى قېتىم مۇستەقىل بولغان كۈنىۋاقىت رايونى :(شەرقى3- ۋاقىت رايونى)

قىسقىچە تارىخى:

[تەھرىر]

ئازەربەيجان جايلاشقانكاۋكاز رايونى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ ئازەربەيجاندىن تېپىلغان مىلادىدىن بۇرۇنقى 20-ئەسىرگە تەۋە يادىكارلىقلار بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
كاۋكاز رايونى ئۈچ قىتئە چېگرىسىغا يېقىن بولغاچقا ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇرۇش ئوتى توختىماي كەلگەن رايونلارنىڭ بىرى. ئازەربەيجان مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە يەھۇدى ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى بولغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە مۇستەققىل پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، 6-ئەسىردىن كېيىن ئىران ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 333-يىلى ئىسكەندەر ماكىدونىسكى تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 180-يىلى خازار دۆلىتىنى قۇرغان.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 73-يىلى ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. مىلادى 270-يىلى ئەرمەنىيە ئىران ساسانىلار خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغان ، مىلادى 3-ئەسىردە يەنە بىر قېتىم ئاقھۇن ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغان. مىلادى 683-يىلى ئەرەپ ئىسلام ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان، ئازەربەيجانلار ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادى 810-يىلى ئازەربەيجانلار يەنە بىر قېتىم ئۆز دۆلىتىنى قۇرغان مىلادى 1072يىلىدىن كېيىن ئازەربەيجان سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1513-يىلى ئىران ئازەربەيجاننى بېسىۋالغان، 1582-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئازەربەيجاننى ئىراندىن تارتىۋالغان. 1730-يىلىدىكى نەخىۋان ئۇرۇشىدىن كېيىن ئازەربەيجان ئىراننىڭ ئۆلكىسىگە ئايلانغان، 1813-يىلى چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسى ھازىرقى ئەزەربەيجاننى ئىراندىن تارتىۋالغان. جەنۇبى ئەزەربەيجان يەنىلا ئىراننىڭ قولىدا قالغان. 1918-يىلى ئازەربەيجان تۇنجى مۇستەققىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان، 1920-يىلى گىرۇزىيە ۋە ئەرمىنىيە بىلەن بىللە سوۋېت ئىتىپاقى تاشقى كاۋكاز سوتسىيالىستىك ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلانغان. 1924-يىلى ئايرىم جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ ئازەربەيجان مۇستەققىل بولغان 1995-يىلىدىن كېيىن ئەزەربەيجاندىكى ئەرمەنلەر ئولتۇراقلاشقان رايون تاغلىق -قاراباغ )ناگورنو قاراباخ( مۇستەقىللىق جاكارلىغانلىقتىن قۇدرەتلىك روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئارمېنىيە بىلەن تاغلىق -قاراباغنى تالىشىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 1998-يىلى ئۇرۇش توختاتقان.

ئازەربەيجان زىمىنى ئاساسەن ئېقىنى مول، تۈزلەڭلىكتىن شەكىللەنگەن بولۇپ،15% ئورمانلىق.21% تېرىلغۇ يەر. تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان بايلىقى مول . ئازەربەيجاندە ئاھالىنىڭ بەشتىن بىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.2005-يىلى ئازەربەيجاننىڭ ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى 14%،سانائەت45%، مۇلازىمەت 40%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 1مىليۇن 91مىڭ ، يانپون ئابونتى ئىككى مىلىيۇن 242مىڭ بولغان، ئىنتېرنېت ئابونتى678مىڭ بولغان.


مەنبەلەر

[تەھرىر]
    بۇ ماددا بىر دەسلەپكى نۇسخىدۇر، بۇ ماددىنىكېڭەيتىش ياكى ئالاھىدەدەسلەپكى نۇسخا قېلىپلىردىن بىرنى قويۇپ ۋىكىپېدىيەگە توھپە قوشالايسىز.
    ياۋروپا
    غەربىي ياۋروپابېلگىيە -فرانسىيە -ئىرلاندىيە -ليۇكسېمبۇرگ -موناكو -گوللاندىيە -بۈيۈك بېرىتانىيە
    شىمالىي ياۋروپادانىيە -فىنلاندىيە -ئىسلاندىيە -نورۋېگىيە -شۋېتسىيە
    ئوتتۇرا ياۋروپائاۋسترىيە -چېخ جۇمھۇرىيەتى -گېرمانىيە -ۋېنگرىيە -لىختېنشتېين -لەھىستان -سلوۋاكىيە -شۋېتسارىيە
    شەرقىي ياۋروپابېلورۇسسىيە -ئېستونىيە -لاتۋىيە -لىتۋا -مولدوۋا -ئۇكرائىنا
    جەنۇبىي ياۋروپائالبانىيە -ئاندوررا -بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا -بۇلغارىيە -كرودىيە -گرېتسىيە -ئىتالىيە -كوسوۋو -ماكېدونىيە -مالتا -مونته‌نەگرو -پورتۇگالىيە -رومىنىيە -سان مارىنو -سېربىيە -سلوۋېنىيە -ئىسپانىيە -ۋاتىكان شەھىرى
    ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىئەرمىنىيە -ئەزەربەيجان -سىپرۇس -گرۇزىيە -رۇسىيە -تۈركىيە
    ياۋروپا -ئامېرىكا قىتئەسى -ئاسىيا -ئافرىقا -ئوكيانىيە -ئانتاركتىدا
    ئاسىيا
    شەرقىي ئاسىيا
    شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا
    جەنۇبىي ئاسىيا
    ئوتتۇرا ئاسىيا
    غەربىي ئاسىيا
    ياۋروپا -ئامېرىكا -ئاسىيا -ئافرىقا -ئوكيانىيە -ئانتاركتىدا
    "https://ug.wikipedia.org/w/index.php?title=ئەزەربەيجان&oldid=164622" دىن ئېرىشكەن
    سەھىپە:

    [8]ページ先頭

    ©2009-2025 Movatter.jp