باھارنىڭ كېلىشى بىلەن چېچەكلىگەن گلاس دەرىخىئەتىياز (ئەرتە+ياز=ئەرتەياز\ئەتەياز\ئەتىياز؛ بالدۇرقى ياز دېگەنلىك بولىدۇ) ياكىباھار، قىش ۋە ياز پەسىللىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر پەسىلدۇر. شىمالىي يېرىم شاردانورۇز،ئۈمىد ۋەباھار ئايلىرى ئەتىياز پەسلى دەپ قارىلىدۇ.
ئەتىياز پەسلىدە دەل دەرەخلەر بىخ سۈرۈپ، ئوت چۆپلەر ئۈنىشكە باشلايدۇ. گۈللەر تۇنجى چېچەكلىرىنى ئاچىدۇ. قىشتىن قالغان قارلار ئېرىپ، ئەگىز سۈيى، ياغقان باھار يامغۇرلىرى بىلەن بىرگە سۇلار كۆپىيىشكە باشلايدۇ. كۆلچەك ۋە كۆللەر، سۇ ئامبارلىرى سۇغا تولىدۇ.
بېدىلەر چىقىپ كۆك چۆچۈرىسى يېيىلىدۇ. شۇڭا بۇ پەسىل بەئزىدە كۆك پەسلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاۋارايى نىسبەتەن تۇراقسىز بولۇپ، بەئزىدە ئەتىيازنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا ئۈششۈك، قار ئارىلاش يامغۇر، ياكى مۆلدۈر چۈشىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇ تۈر تەبىئەت ھادىسىلىرى دېھقانلارغا كۆپ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەتىيازنىڭ خەۋەرچىسى گۈل - چېچەكلەريۇرتىمىزدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى شىمالىغا نىسبەتەن بالدۇرراق باھار بىلەن تونىشىدۇ. شەرقىدىكى تۇرپان قۇمۇل ۋادىسى بولسا ھەممىدىن بۇرۇن ئىللىشقا باشلايدۇ.
كىشىلەردە تۈرلۈك ھاۋارايىغا باغلىق زۇكام ۋە باشقا كېسەللىكلەر كۆپىيىدۇ.